做好2017年制作青贮和羊口蹄疫及高致病禽流感第二轮强制免疫工作
公开类型:主动公开  责任部门:乌什县依麻木乡人民政府  生成日期:2017年9月9日
文号:依政发【2017】79号  索引号:Kj915-8000-2017-00079
关键词:青贮,禽流感,免疫
内容概述:
做好2017年制作青贮和羊口蹄疫及高致病禽流感第二轮强制免疫工作

依 政 发 【2017】79号
 
 
2017- يىللىق سىلوس ياساش ۋە قۇيلارغا ئاقسىل كىسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى شۇنداقلا 2-قېتىملىق قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسنى ئىمۇنىتىتلاش  خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش
关于开展2017年制作青贮和羊口蹄疫及高致病禽流感第二轮强制免疫工作的通知
 
ھەر قايسى كەنت كومتىتى، مۇناسىۋەتلىك پونكىت- ئورۇنلارغا:              
‹‹ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 2017- يىللىق چوڭ ھايۋاناتلاردىكى يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ يۇلغا قۇيۇش لاھىيىسى››گە ئاساسەن، قۇيلاردىكى ئاقسىل،ئۆي قۇشلىرىدىكى يۇقۇملۇق زۇكام  قاتارلىق  كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بازىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىقىنى ساغلام تەرەققى قىلدۇرۇپ،بازىرىمىز  خەلىقنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2017- يىللىق قۇيلاردىكى ئاقسىل،ئۆي قۇشلىرىدىكى يۇقۇملۇق زۇكام  قاتارلىق  كىسەللىكلەردىن مۇداپئە كۈرۈش شۇنداقلا سىلوس ياساش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز.                           
1.             شۇ كەنىتكە مەسئۇل رەھبەر، كەنىتتە تۇرۇشلۇق كادىر، ھەر قايسى كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىرى قۇيلاردىكى ئاقسىل،ئۆي قۇشلىرىدىكى يۇقۇملۇق زۇكام قاتارلىق  كىسىەللىكلەردىن مۇداپئە كۈرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىشى، كەنت مۇداپىئە خادىمىغا يېقىندىن ماسلىشىپ، ھەر تۈرلۈك مۇداپىئە تەدبىرنىڭ ئەمىللىشىشىگە تۇلۇق كاپالەتلىك قىلىپ، بازىرىمىزدا زور  ھايۋانات يۇقۇمى يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.                                                        
2.  ھەر قايسى كەنت (مەيدان) مەسئۇللىرى كەنت كادىرنى تەشكىللەپ، دېھقان- چارۋىچى ئاممىغا كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ، خەلىق ئاممىسنى قۇيلاردىكى ئاقسىل،ئۆي قۇشلىرىدىكى يۇقۇملۇق زۇكام  كىسىلىدىن مۇداپئە كۈرۈش خىزمىتىگە تۇلۇق قاتناشتۇرشى كېرەك. بۇ خىزمەت 9- ئاينىڭ 9- كۈنى باشلىنىپ9- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن بۇرۇن ئاخىرلىشىدۇ. ناھيىلىك   چارۋا- مال دوختۇرلۇق پونكىتىدىكى خادىملار10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن كىيىن ھەر قايسى كەنىتنىڭ ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىگە قارىتا نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرىدۇ.                                                     
3. بازارلىق چارۋا- مال دوختۇرلۇق پونكىتىدىكى خادىملار ۋە كەنت مۇداپىئە خادىملىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدربىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاكسىنىنى تەلەپ بۇيىچە سۇغاق ساقلىشى ۋە تۇشۇشى، تېخنىكا مەشغۇلات ئۆلچىمى بۇيىچە ۋاكسىنا       ئەملەپ،بازىرىمىزنىڭ ۋاكسىنا زىچلىغىنىڭ ئۆلچەمگە يىتىشىگە تۇلۇق كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.                                                       
4. كەنىتكە مەسئۇل رەھبەر، كەنىتتە تۇرۇشلۇق كادىر، ھەر قايسى كەنىت  (مەيدان) مەسئۇللىرى ،كەڭ دىھقان-چارۋىچىلارغا بولغان تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ ، كەنت دەرىجىلىك يۇقۇم مۇداپىئە خادىمىنىڭ ۋاكسىنا ئەملىشىگە يېقىندىن ماسلىشىپ،  ھەر قايسى كەنت (مەيدان)لارنىڭ ۋاكسىنا ئەملەش زىچلىغىنىڭ %100 بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ۋاكسىنا ئەملىگەن چارۋىغا ۋاختىدا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، مۇداپىئە كارتىسنى ۋاختىدا، تۇلۇق، توغرا تۇلدۇرۇپ مۇداپىئە ئارخىۋىنىڭ ھەقىقىلىغىغا كاپالەتلىك قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇلىقىدا پىستان بولمىغان ياكى چۈشۈپ قالغان قويلارغا پىستاننى بىرلىكتە تۇلۇقلاپ مېڭىش كېرەك.                                                             
5.بازىرىمىزدىكى چارۋا-ماللارنىڭ قىشلىق يەم-خەشەك  مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ،مول بۇلغان زىرائەت غۇلى ۋە ئوت-چۆپ مەنبەسىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ، سىلوس ياساش شۇنداقلا يەم-خەشەك پىششىقلاپ ئىشلەش خىزمىتىگىمۇ ھەر قايسى كەنىتلەر  يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىشى، دېھقان- چارۋىچى ئاممىغا بولغان تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ 10-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن بۇرۇن سىلوس ياساش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش كىرەك.   ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.                                         
     
 
ئىماملىرىم بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى
2017-يىل 9-ئاينىڭ 9-كۈنى

附件:(请在项目上点击右键->目标另存为...)
  1. 关于开展2017年制作青贮和羊口蹄疫及高致病禽流感第二轮强制免疫工作的通知
主办:乌什县人民政府  承办:乌什县电子政务管理办公室
Copyright © 2010 xjwsx.gov.cn All rights reserved.(建议分辨率设为1024*768)
地址:新疆乌什县信息网络中心  TEL:0997-5585006  Email:rexit@163.com
技术支持:迅杰动力