关于收缴阿恰塔格乡2018年新型农村社会养老保险费的通知
公开类型:主动公开  责任部门:乌什县阿恰塔格乡人民政府  生成日期:2018年4月25日
文号:  索引号:kj905-8000-2018-00035
关键词:收缴,2018年,新型农村,社会养老保险费
内容概述:
关于收缴阿恰塔格乡2018年新型农村社会养老保险费

 
 
 
 
 
 
 
2018-يىللىق 35-نۇمۇرلۇق
 
ئاچتاغ يېزىسىنىڭ  2018-يىللىق يېڭىچە يېزا ئىجتىمائى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىنى يىغىپ تاپشۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش
关于收缴阿恰塔格乡2018年新型农村社会养老保险费的通知
 
ھەر قايسى كەنت ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا:
     يېزىمىزدىكى ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ياشانغاندىكى تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش شۇنداقلا دېھقانلارنى دۆلەتنىڭ ياشانغانلارغا قاراتقان ياخشى سىياسىتىدىن بەھرىمان قىلىش ئۈچۈن، مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق2018-يىللق ياشانغاندا كۇتۇنۇش سۇغۇرتا پۇلى يىغىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش قارار قىلىندى. مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرىمىز:
   1. ھەر قايسى كەنتلەر تەۋەلىگىدىكى يېڭىچە يېزا ئجتىمائى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا تىگىشلىك بولغانلارغا قارىتا تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، بۇ يىللىق قاتنىشىشقا تىگىشلىك ئوبىكىتلارنىڭ تۇلۇق قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
  2. سۇغۇرتىغا قاتنىشىدىغان ئوبىكىتلار:2010-يىلىدىن باشلاپ سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار ۋە بۇيىل 16ياشقا توشقانلار (2002-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈندىن بۇرۇن تۇغۇلغانلار 16ياشقا توشقانلار بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ، تۇلۇق ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار قاتنىشىش ئوبىكتى دائىرسىگە كىرمەيدۇ، لىكىن خۇسۇسى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلار قاتنىشىش ئوبىكتى دائىرسىگە كىرىدۇ).
  3. يېڭىچە يېزا ئجتىمائى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش ئۆلچىمى: 100 يۈەن، 200 يۈەن، 300 يۈەن، 400 يۈەن، 500 يۈەن، 600 يۈەن، 700 يۈەن، 800 يۈەن، 900 يۈەن، 1000 يۈەندىن ئىبارەت 10 دەرىجە بۇيىچە تاپشۇرسا بۇلىدۇ، بۇلتۇر 100 يۈەندىن قاتناشقانلار بۇ يىل ئاشۇرۇپ تاپشۇرسىمۇ ياكى شۇ بۇيىچە تاپشۇرسىمۇ بۇلىدۇ.
  4. ياشانغاندا كۇتۇنۇش سۇغۇرتا پۇلىنى يىغىپ ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتى: 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈندىن5-ئاينىڭ10-كۈنگىچە بولىدۇ. كونكىرىتنى يىغىپ ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتى تۆۋەندىكىچە:
 (1) 2018-يىلى4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن5-ئاي1-كۈنىگىچە %50 بويىچە خۇلاسە قىلىنىدۇ؛)نامراتلار تىزىملىكىدە بارلار ئاساس قىلىنىپ يىغىلىدۇ )
 (2) 2018-يىلى 5-ئاينىڭ1-كۈنىدىن5-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە % 100 بويىچە خۇلاسە قىلىنىدۇ؛
5. ھەرقايسى كەنتلەرنىڭ ياشانغاندا كۇتۇنۇش سۇغۇرتا پۇلىنى يىغىش خىزمىتىگە ھەرقايسى كەنتلەر بىۋاستە مەسئول بولىدۇ. شۇ كەنتكە چىققان يېزا مەسئولى، نوقتىدا تۇرىۋاتقان يېزا كادىرى ۋە شۇ كەنت بىلەن ئالاقىلىشىدىغان پونكت(ئورۇن) لار ياردەملىشىدۇ ھەمدە ۋاقتىدا يىغىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.
  6.    2018-يىللىق ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرۇشتا نەق پۇل ئېلىنمايدۇ، ھەرقايسى سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئوبكىتلىرى چۇقۇم بانكا ئامانەت كارتىسىغا ياكى ئىجدىمائى سۇغۇرتا كارتىسىغا پۇل قۇيۇپ كارتا سۈركەش ئارقىلىق پۇل تاپشۇردۇ. ( بانكا ئامانەت كارتىسى چۇقۇم قاتتىق كارتا بۇلىشى كېرەك )
   7. بۇ يىل يېڭىدىن سۇغۇرتىغا قاتنىشىدىغانلار چۇقۇم يېزىلىق ئىجدىمائى سۇغۇرتا ئىشخانىسىغا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرىنى ئېلىپ پۇل تاپشۇرىشى لازىم. ( ھەر بىر ئادەم كىملىك، نۇپۇس دەپتىرىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىدىن بىر پارچە)
   8 . يېزىلىق ئىجدىمائى سۇغۇرتا ئىشخانىسى ھەرقايسى كەنىتلەرنىڭ پۇل يىغىش كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن كەنىتكە چۈشۈپ پۇل يىغىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردۇ، ھەرقايسى كەنىتلەر پۇل يىغىش كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن سۇغۇرتىغا قاتنىشىدىغان ئوبكىتلارنى كەنت يىغىن زالىغا تۇلۇق يىغىشقا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
     مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بولسا يېزىلىق ياشانغاندا كۇتۇنۇش سۇغۇرتا ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلاشسا بۇلىدۇ. ئالاقىلاشقۇچىلار: نۇرنىسا ياسىن،زۇلپيە ئاخنىياز (15739776177)، ئىشخانا تىلفۇن نۇمۇرى: (5550013)
.
قۇشۇمچە قىلىندى: (1) ئاچتاغ يېزىسىنىڭ 2018-يىللىق ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلى يىغىش ۋەزىپىسىنى تەقسىم قىلىش جەدۋىلى
   (2) ئاچتاغ يېزىسىنىڭ 1958- يىلىدىن بۇرۇن تۇغۇلغان يېشى 60 ياشقا تۇشۇپ دۆلەتنىڭ سۇغۇرتا ئارقىلىق يار يۆلەك بۇلۇش سىياسىتىن چۈشۈپ قالغانلارنى ئېنىقلاپ تىزىملاش جەدىۋىلى
ئاچتاغ يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى
2018-يىلى 4-ئاينىڭ25-كۇنى
 
 
 
 
 
 
主办:乌什县人民政府  承办:乌什县电子政务管理办公室
Copyright © 2010 xjwsx.gov.cn All rights reserved.(建议分辨率设为1024*768)
地址:新疆乌什县信息网络中心  TEL:0997-5585006  Email:rexit@163.com
技术支持:迅杰动力