关于阿恰塔格乡按照“新婚计生作风进户户”举办集体婚礼的通知
公开类型:主动公开  责任部门:乌什县阿恰塔格乡人民政府  生成日期:2018年5月9日
文号:  索引号:kj905-8000-2018-00038
关键词:新婚,计生作风,进户户,集体婚礼
内容概述:
阿恰塔格乡按照“新婚计生作风进户户”举办集体婚礼

 
 
 
 
 
 
 
 
(2018) 38- نۇمۇرلۇق
 
ئاچتاغ يېزىسىنىڭ «يېڭى نىكاھ تۇغۇت ئىستىلىنى ھەممە ئائىللەرگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتى بويىچە كوللىكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش  توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش
关于阿恰塔格乡按照“新婚计生作风进户户”举办集体婚礼的通知
 
ھەر قايسى كەنىت پارتىيە ياچايكىسى ،كەنىت كومتېتلىرغا:
 
يېزىمىزنىڭ پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىقات تەربىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەڭ تۇغۇت يېشىدىكى ئاممىغا يېڭى نىكاھ تۇغۇت قارشىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، تۇغۇت يېشىدىكى ئاممىنىڭ كونا ئىدىيىدىكى نىكاھ، تۇغۇت قارشىنى ئۆزگەرتىپ،كەڭ تۇغۇت يېشىدىكى ئاممىنىڭ پىلانلىق تۇغۇتنى ئۆزلىگىدىن ئاڭلىقلىق بىلەن يولغا قۇيۇش تۇنۇشىنى ئۆستۈرۈپ، پىلانلىق تۇغۇت سېستىمىسىدا ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يېڭى پىكىر يولى يېڭى يۈزلىنىشكە ماسلاشتۇرۇش ۋەنىكاھ، تۇغۇت ھەركىتىنى قېلىپلاشتۇررۇش،ئىلمىلاشتۇرۇش، شۇنداقلا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان كۆپ قاتلاملىق پىلانلىق تۇغۇت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، تۆۋەن تۇغۇت سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇش، پىلانلىق تۇغۇتتا « 3نى ئاساس» قىلىشنى ئەمىللەشتۈرۈپ، پىلانلىق تۇغۇتتىكى سەرخىل تىپ ئۈلگىلەرنى داۋاملىق تەشۋىق قىلىپ،«نۇپۇس،بايلىق،مۇھىت»نى ئۆز- ئارا زىچ ماسلاشتۇرۇپ، يېڭى بىر نىكاھ، تۇغۇت ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن، ھەر قايسى كەنىت كومتىتلىرى ئىلغار تىپلارنى كۆپلەپ تېپىپ ، ئىلغار ئىش – ئىزلىرنى ھەرقايسى ئورۇنلاردا كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ، توي- تۆكۈن،نەزىر- چىراق ئىشلىرىنى ئاددى ساددا ئۆتكۈزۈشتەك ياخشى ئىش ياخشى پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىدىيىسىگە سىڭدۈرۈش خىزمەت ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇپ، ئامما قۇبۇل قىلالايدىغان يېڭى مەزمۇنلارنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق بۇ خىزمەتنى ئەستايىدىل ئەمىلىي قانات يايدۇرۇش لازىم.
يېزىلىق خەلق ھۈكۈمىتى يېڭى نىكاھ،تۇغۇت ئىستىلىنى ھەممە ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ كەڭ ياشلارنىڭ ئىدىيىسىگە سىڭدۇرۇش ھەمدە مايىللىغىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېزىمزدا كوللىكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.
كونكىرت تەلەپ:
1.ھەرقايسى ئۇرۇنلار ئۆز تەۋەلىگىدىكى توي قىلىشقا تەييارلانغان ياشلاردىن 1جۇپتىن تەييارلاپ،تىزىملىگىنى 10-چىسلادىن بۇرۇن يېزىلىق پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىغا يوللاش ھەمدە ھەربىر كەنىتتىن بىردىن خادىم ئۆز ئادەملىرىنى باشقۇرۇش،تەرتىپكە سېلىشقامەسئۇل بۇلىشى كېرەك.
2.يېزىلىق پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى  بۇ قېتىمقى كوللىكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە  ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىپ ،پائالىيەتنىڭ كونكىرىتنى ئىشلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم .
3.ھەرقايسى مەھەللە ئاھاللا كومتىتى،ھەرقايسى كەنت كومتىتلىرى بۇ ئىشقا  يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ،تەييارلاشقا تېگىشلىك ياشلارنى ئۆز ۋاقتىدا تەييارلاپ،بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلۇشىغا ئورتاق كۈچ چىقىرىشى لازىم ،بۇ خىزمەتكە سەل قاراپ،ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئۇرۇنلىمىغان ئۇرۇنلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۇرۇشتۈرىلىدۇ ھەمدە يىل ئاخىرىدىكى باھالاشقا چېتىشتۇرۇلىدۇ.
پائالىيەت ئورنى: ئاچتاغ يېزا 10- كەنىت ( تۆۋەنكى خوتەن ) كومتىتىدا بولىدۇ.
پائالىيەتنىڭ ۋاقتى:2018-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى بولىدۇ.
 
  
 
 
 
 
ئاچتاغ يېزلىق خەلق ھۆكۈمىتى
2018–يىل 5- ئاينىڭ 9- كۈنى
 
 
 
 
主办:乌什县人民政府  承办:乌什县电子政务管理办公室
Copyright © 2010 xjwsx.gov.cn All rights reserved.(建议分辨率设为1024*768)
地址:新疆乌什县信息网络中心  TEL:0997-5585006  Email:rexit@163.com
技术支持:迅杰动力