关于下发阿恰塔格乡5月份农业农村及林果业工作技术要点的通知
公开类型:主动公开  责任部门:乌什县阿恰塔格乡人民政府  生成日期:2018年5月24日
文号:  索引号:kj905-8000-2018-00041
关键词:5月份,农业农村,林果业,技术要点
内容概述:
阿恰塔格乡5月份农业农村及林果业工作技术要点的通知

 
 
 
 
 
 
 
2018-يىللىق 41-نۇمۇرلۇق
 
ئاچتاغ يېزسىنىڭ 5-ئايلىق يېزا- ئىگىلىك ۋە باغ -ئورمانچىلىق خىزمىتىدىكى تېخنىكىلىق تەلەپلەرنى تارقاتقانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش
关于下发阿恰塔格乡5月份农业农村及林果业工作技术要点的通知
 
ھەر قايسى كەنت   ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا:
5-ئاي بولسا يېزا- ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە باغ-ئورمانچىلىق پەرۋىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ھالقىلىق ۋاقتى بولۇپ ھەر قايسى كەنتلەر  يېزا- ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە باغ-ئورمانچىلىق پەرۋىش خىزمىتىنى تۆۋەندىكى ئۆلچەم بۇيىچە قانات يايدۇرىشى لازىم.
  1.كۈچۈرگەن پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان شوخلا ۋە بىۋاستە تېرىغان شوخلا  پەرۋىشىدىكى تېخنىكىلىق تەلەپلەر:
1)5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن بۇرۇن ھەر مو شوخلىنى 15كىلوگىرام ئەرئەن،25كىلوگىرام نىياۋسۇ،15كىلوگىرام كالىلىق ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش، 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن ئىككىنجى قېتىملىق سۈيىنى قۇيۇپ بولۇش لازىم.
 2) بىۋاستە تېرىغان پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان شوخلا پەرۋىشىدە تاقلاپ مايسا قالدۇرۇپ بولالمىغان شوخلىنى دەرھال تاقلاپ مايسا قالدۇرۇش،مايسا قالدۇرۇش خىزمىتىنى ئەڭ كىچىككەندىمۇ 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇش،6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن ئوغۇتلاپ 1-سۈيىنى قۇيۇپ بولۇش.كىينرەك تېرىغان شوخلىنى 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن تاقلاپ ئوغۇتلاپ بولۇش،ھەمدە سۇلياۋ يۇپۇقنى تولۇق ئېلىۋېتىپ،ئوت-چۆپ يۇقتىش،ئېرىغىنى ئېلىپ سۈيىنى قۇيۇش لازىم.مايسا .ئۈنمىگەن يەرگە دەرھال مايسا تۇلۇقلاپ كۈچۈرۈش كىرەك.ئوغۇتلاش ئكلچىمى ھەر مو يەرنى  15كىلوگىرام ئەرئەن،15كىلوگىرام نىياۋسۇ بىلەن ئوغۇتلاش،ئوغۇتلىغاندا شوخلىنىڭ يۇپۇقىنى ئومۇميۈزلۈك ئېلىۋېتىپ ئوت-چۆپنى تولۇق يۇقىتىپ ،ئوتتۇردىن ئېرىق ئېلىپ ئوغۇتلاش لازىم.
3)كىسەل ھاشارەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ ھەر مو يەرگە 25گىرام دىشاسى ياكى 30گىرام لۈجىڭ يىنجىيەنسۇ چېچىش لازىم.
4)يۇپۇرماق ئوغۇتى چېچىش،ھەر مو يەرگە 20- 30گىرام شىنفىينى 1-2قېتىمغىچە چېچىپ مايسىنى ساغلاملاشتۇرۇش،چىچەكلەش،مىۋە بىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مىۋىنىڭ تۈكۈلۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
2.باغ-ئورمانچىلىق خىزمىتىدىكى تېخنىكىلىق تەلەپلەر:
1)5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن ئۇلاشقا تىگىشلىك ياڭاقنىڭ نوتا قالدۇرۇش ئىشلىرىنى تولۇق تاماملاش لازىم.
2)بارلىق ياڭاقنى خېمىيۋى ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش،يەنى ھەر بىر تۈپ ياڭاقنى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 2-3كىلو ئەرئەن ،500-700گىرام كالىلىق ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش، لازىم.
3)شاخ كىرىپ شەكىلگە كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ۋاقتى قەرەلىدە تاماملاش لازىم.
4)ۋاقتىدا سۈيىنى قۇيۇش خىزمىتىنى تاماملاش لازىم.
5)يېشىل ئوغۇت ياساش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ،تولۇق تاماملاش لازىم.
  3.بۇغداي پەرۋىش خىزمىتىدە:بۇغداينىڭ 3-سۈيىنى قۇيۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم.
ھەر قايسى كەنتلەر يۇقرقى تېخنىكا تەلەپ بۇيىچە يېزا- ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە باغ-ئورمانچىلىق پەرۋىش خىزمىتىنى ۋاقتى -قەرەلىدە ئىشلەپ ئاخىرلاشتۇرۇش لازىم
 
 
 
 
ئاچتاغ يېزىلق خەلق ھۆكۈمىتى
2018- يىلى 5- ئاينىڭ 24- كۈنى
 
主办:乌什县人民政府  承办:乌什县电子政务管理办公室
Copyright © 2010 xjwsx.gov.cn All rights reserved.(建议分辨率设为1024*768)
地址:新疆乌什县信息网络中心  TEL:0997-5585006  Email:rexit@163.com
技术支持:迅杰动力